بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تۈرمىنىڭ مەھبۇسلىرى قاچتى

نىگېرىيەدىكى بىر تۈرمىنىڭ بىر بۆلىكى قاتتىق يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، 119 مەھبۇس قېچىپ كەتتى.

2132122
بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تۈرمىنىڭ مەھبۇسلىرى قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پايتەخت رايونلۇق تۈرمە باياناتچىسى ئادامۇ دۇزا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن نېگىر ئۆلكىسىنىڭ سۇلېجا رايونىدا شىددەتلىك بوران چىقىپ، قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقىنى، يامغۇر بىلەن بوراننىڭ زەربىسىدە رايوندىكى بىر تۈرمىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن، تۈرمىدىكى 119 مەھبۇسنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھازىرغىچە 10 مەھبۇسنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، قالغان مەھبۇسلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر