رۇسىيە لاتۋىيەلىك ئىككى دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

رۇسىيە لاتۋىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى.

2132307
رۇسىيە لاتۋىيەلىك ئىككى دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لاتۋىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى رۇس دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇ «ئاساسسىز» تاشلانغان قەدەم سەۋەبىدىن لاتۋىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانسىىنىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتى دېيس رۇتكانىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «لاتۋىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان ئىككى دىپلومات ئۆزئارا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ۋىيېننا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەھدىنامىسىنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. لاتۋىيە تەرەپكە <ئەگەر رىگا، رۇسىيە دىپلوماتلىرىغا قارشى دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا،  موسكۋانىڭ مۇقەررەر ھالدا رىگاغا قارشى ئۇنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى> بىلدۈرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر