پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 19 كىشى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاز دېگەندە 19 كىشى قازا قىلدى ۋە 12 كىشى يارىلاندى.

1851170
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كېتتا شەھىرىدىن راۋالپىندىغا قاراپ يولغا چىققان ئاپتوبۇس نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆرۈلۈپ، شىرانى رايونىدىكى جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن.

ۋەقەدە ئاز دېگەندە 19 كىشى قازا قىلىپ 12 كىشى يارىلانغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئاپتوبۇستا 35 كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باش مىنىستىر شاھباز شەرىف ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر