ۋولودىمىر زېلېنسكىي گ7 رەھبەرلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ قورال ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي گ7 رەھبەرلىرىدىن رۇسىيەگە قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ قورال ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

1848785
ۋولودىمىر زېلېنسكىي گ7 رەھبەرلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ قورال ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي گېرمانىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا باۋارىيەدىكى ئېلماۋ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان گ7 رەھبەرلەر يىغىنىغا سىنلىق  قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

زېلېنسكىي ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرىدىن ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ قورال ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ گ7 دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىش بىلەن بىرگە، گ7 رەھبەرلىرىدىن ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىغا شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 124 – كۈنىنى تولدۇرغان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇكرائىنادىكى  ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ يېمەكلىك، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى، گ7 رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇھىم تېمىلار قاتتارىدىن ئورۇن ئالدى.

گ7 رەھبەرلىرى بۈگۈن (27-ئىيۇن)بەشىنچى قېتىملىق يىغىندا كىلىمات، ئېنېرگىيە ۋە سەھىيە ساھەسىدە تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىماقتا.

رەھبەرلەر چۈشتىن كېيىن «دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە جىنسىي باراۋەرلىك» تېمىلىق ئالتىنچى يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

يىغىندا، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرس سىن ئارقىلىق رەھبەرلەر بىلەن «يەر شارى ئاشلىق كىرىزىسى» نى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

گ7 رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى خانىملىرى بىلەن بىرلىكتە كەچلىك زىياپەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، يېغىن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر