ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 ئايلىق بىر بوۋاق قازا قىلدى
ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئاپتوموبىلدىكى 5 ئايلىق بوۋاق قازا قىلدى.
1848241
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگونىڭ جەنۇبىي قىرغاق رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ئەتراپتا ئاپتوموبىل بىلەن ئايلىنىپ قالايمىغان ئوق چىقارغان ھۇجۇمچىلار باشقا بىر ئاپتوموبىلدىكى 5 ئايلىق بوۋاقنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ساقچى ئەترىتى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ھۇجۇمدا 5 ئايلىق بىر قىزنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
چىكاگو ساقچىلىرى باشقا بىر ئاپتوموبىلدىكى 41 ياشلىق ئەرنىڭمۇ كۆزىدىن يارىلانغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.