جو بايدىن رۇسىيەدىن ئالتۇن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىدىكى ئېلماۋ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ 7 رەھبەرلەر يىغىنىدا روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەدىن ئالتۇن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1848280
جو بايدىن رۇسىيەدىن ئالتۇن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدېن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئىقتىسادىي مەنبەسىنى  توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئالدىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىقىملارنى قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن، «گ 7 رەھبەرلەر يىغىنىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە بىلىكتە رۇسىيەنىڭ نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئالتۇننى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيە بۇلتۇر تەخمىنەن 331 مىڭ توننا ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن خىتايدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان ئىدى. ئالتۇن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەدىن كېيىنكى ئىككىنچى مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتى دەپ بىلىنىدۇ.

دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم مۇنبەرلەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان گ7 رەھبەرلىرى يىغىنى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىدىكى ئېلماۋ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

گ7 رەھبەرلىرى يىغىنى بۈگۈن باشلىنىپ، 28 - ئىيۇندا ئاخىرلىشىدۇ.

دۇنيانىڭ 7 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان گ7 رەھبەرلىرى يىغىنى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۇنيادا ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندىن باشقا يەنە، ئىقتىسادتا توختاپ قېلىش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پۇل  پاخاللىقى تەڭ يۈز بېرىۋاتقان، قاتمال ھالەت دەپمۇ ئاتالغان بىر ۋەزىيەتتە  ئۆتكۈزۈلمەكتە.

گ7 رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېلپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر