ھىندىستاندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار سانى 100 دىن ئېشىپ كەتتى

ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە قازا قىلغانلار سانى 100 دىن ئېشىپ كەتتى.

1847447
ھىندىستاندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلار سانى 100 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۆلكە رەھبەرلىرى، 6 – ئاپرېلدىن بۇيان يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە ئۆلكە مىقياسىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئەڭ يېڭى قازا قىلغانلارنى قوشقاندا 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۆت نەپىرىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆلكىلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنى 32 ناھىيەدىكى 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 271 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قۇتقۇزۇش لاگېرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي ئاسىيادا 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان جەرياندا ياغىدىغان مەۋسۇم يامغۇرلىرى ھەر يىلى ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر