فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئىلتىماسلىرىنى ستولتېنبېرگقا تاپشۇردى

فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ناتوغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن رەسمىي ئىلتىماسلىرىنى ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگقا تاپشۇردى.

1828647
فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئىلتىماسلىرىنى ستولتېنبېرگقا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئەلچىخانىلىرىدىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

ستولتېنبېرگ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز يولىنى تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەلەپلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ، تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن سۇنغان ئىلتىماسىڭلار تارىخىي قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئىتتىپاقداشلار بۇنىڭغا قاراپ چىقىدۇ. بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەسى نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. ھەممە مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىپ، تېز سۈرئەتتە خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگىمىز» دېدى.

ئۇ بارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ناتونىڭ كېڭىيىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر