شىۋىتسىيە بىلەن فىنلاندىيە تۈركىيە تەلەپ قىلغان تېررورچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي كەلمەكتە

شىۋىتسىيە بىلەن فىنلاندىيە يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرماي كەلمەكتە.

1827693
شىۋىتسىيە بىلەن فىنلاندىيە تۈركىيە تەلەپ قىلغان تېررورچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، يېقىنقى 5 يىلدا فىنلاندىيەدىن 6 نەپىرى فەتھۇللاھچى ۋە يەنە 6 نەپىرى پ ك ك تېررورچىسى بولۇپ، جەمئىي 12 تېررورچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مىنىستىرلىق شىۋىتسىيەدىنمۇ 10 نەپىرى فەتھۇللاھچى ۋە 11 نەپىرى پ ك ك ئەزاسى بولۇپ، جەمئىي 21 تېررورچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككى دۆلەتتىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 33 كە يەتتى.

لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن بۇ ھەر ئىككى دۆلەت تۈركىيەنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە ھازىرغىچە ھېچقانداق  ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئىككى دۆلەت تۈركىيەنىڭ 19 تېررورچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ قالغان 5 تېررورچى ھەققىدىكى تەلەپنى بولسا، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جاۋابسىز قالدۇردى.

فىنلاندىيەدە 2 ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسى ۋە شىۋىتسىيەدە7 دېلو بولۇپ، جەمئىي 9 ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىغا ئالاقىدار رەسمىيەت باسقۇچلىرى داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر