خىتاي سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى سېرىق دېڭىزدا قولىدىكى ئەڭ چوڭ «لاسا» (Lhasa) ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1827408
خىتاي سېرىق دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەرلىك تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئورنىتىلغان «Tip 055» ۋە «Tip 056A» تىپلىق پاراخوتلار سېرىق دېڭىزدىكى مانېۋىرغا قاتناشقان.

خىتاينىڭ س س ت ۋ قانىلى (CCTV) نىڭ خەۋىرىدە، مانېۋىرغا سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، بالدۇر سىگنال بېرىش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلارنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقى؛ مانېۋىرنىڭ ئۈچ كۈن داۋاملاشقانلىقى ۋە ئايروپىلان ئاتار، پاراخوت ئاتار سۇ ئاستى پاراخوت ئاتار تەلىم-تەربىيەلىرىنىڭ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە سەككىز دانە «Tip 055»، يېقىنقى 10 يىلدا بولسا، 70 تىن كۆپ «Tip 056A» ۋە «Tip 056» ھەربىي پاراخوتلىرىنى تەركىبىگە سەپلىگەن ئىدى.

بۇ يىل يانۋاردا (2022) خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە سەپلىنىپ بېرىلگەن «لاسا» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت 12 مىڭ توننا ئېغىرلىقى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «DDG-1000» تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوتىدىن قالسىلا «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى قوغلىغۇچى پاراخوت» سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر