تالىبان ھەيئىتى نورۋېگىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تالىبان ھەيئىتى نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا نۇرغۇنلىغان مەسئۇللار بىلەن كۆرۈشتى.

1767442
تالىبان ھەيئىتى نورۋېگىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد تۋىتتېر ھېسابىدا، تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نورۋېگىيە دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

باياناتتا، قاتناشقۇچىلارنىڭ يىغىن جەريانىدا، بىر-بىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قاتناشقۇچىلارنىڭ يىغىندا ئافغانىستاننىڭ بارلىق ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ دۆلەتتە تېخىمۇ ياخشى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك شارائىتىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئافغانىستاننىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنىڭ پۈتكۈل قاتناشقۇچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ 23 - يانۋاردىن 25 – يانۋارغىچە ئوسلودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە، بىر قىسىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننىكېن خۇيتفېلد 21-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا بولغان ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىپ، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرگە قارىتا «مىليونلىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن كەڭ كۆلەملىك ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

خۇيتفېلدت مەزكۇر ئۇچرىشىشلارنىڭ تالىباننى قانۇنلاشتۇرۇش ياكى ئېتىراپ قىلىش ئەمەسلىكىنى، ئەمما دۆلەتنى ھەقىقىي باشقۇرۇۋاتقانلار بىلەن سۆزلىشىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر