سالۋادور پىرېزىدېنتى تۈركىيە ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن تۈركىيەگە كەلگەن سالۋادور پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تۈركىيە ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1765709
سالۋادور پىرېزىدېنتى تۈركىيە ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇكېلې، ئۇچۇرىدا، «ئالدى بىلەن # بىتكوئىن دىيارى سالۋادوردىن پۈتكۈل تۈركىيەگە  سالام» ئىبارىسىنى ئىشلەتتى.

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەنگەن بۇ ئۇچۇر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

سالۋادور پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلېنىڭ، ئىيۇن ئېيىدا بىتكوئىننىڭ «قانۇنلۇق پۇل» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىدىن كېيىن، سالۋادور، تارىخ سەھىپىسىدىن، «بىتكوئىننى قانۇنلاشتۇرغان تۇنجى دۆلەت» سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر