بايدىن: تېكساستىكى ۋەقە تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تېكساستىكى چېركاۋدا قوراللىق بىر كىشىنىڭ تۆت ئادەمنى بىر قانچە سائەت گۆرۈگە ئېلىۋالغان ۋەقەگە «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەردى.

1763707
بايدىن: تېكساستىكى ۋەقە تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن فىلادىلفىيا شەھىرىدە قاتنىشىدىغان مۇراسىمدىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، تۆت ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئەدلىيە مىنىستىرى مېررىك گارلاند (Merrick Garland) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ۋەقە تېررورلۇق ھەرىكىتىدۇر» دېدى.

ئۇ گۆرۈگە ئېلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن كىشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ جىنايەتچىنىڭ قورالنى قانداق تاپقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ھەممە سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمەيمەن. ھۇجۇمچىنىڭ قورالنى كوچىلارىكى بىر يەردىن ئالغانلىقى دېيىلىۋاتىدۇ، ئەمما مەن بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ: «كىشىلەرنىڭ كوچىدىن قورال سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايمىز» دېدى.

تېكساسنىڭ كوللېيۋىل (Colleyville) شەھىرىدىكى چېركاۋدا تۈنۈگۈن (2022-يىلى 16-يانۋار) قوراللىق بىر كىشى تۆت ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى. گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئارىدىن يەتتە سائەت، ئۈچى 11 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەن جىنايەتچىنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) جىنايەتچىنىڭ 44 ياشلىق ئەنگلىيە پۇقراسى مالىك فايسال ئەكرەم ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر