ئامېرىكا: رۇسىيەگە دىپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك ساللىۋان رۇسىيە – ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئىشغالچى رۇسىيەگە دىپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1762485
ئامېرىكا: رۇسىيەگە دىپلوماتىيە جەھەتتىنمۇ ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساللىۋان، ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە جەنۋە، بىريۇسسېل ۋە ۋېياننادا يىغىنلار چاقىرىلغانلىقىنى، يىغىنلاردا، ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم رۇسىيە ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارلىقلىقلىرىنى، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغان نۇقتىلارنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سەمىمىي ۋە بىۋاسىتە ئېلىپ بېرىلغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن مۇزاكىرىلەر بىزگە ۋە رۇسىيەگە جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەتلەرنى سۇندى. مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بۇ باسقۇچنىڭ قانداق داۋاملىشىشى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز. ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن دىپلوماتىيەگە تەييارمىز. شۇنداقلا، ئەگەر رۇسىيە باشقا يولنى تاللىسا، بىز جاۋاب قايتۇرۇشقىمۇ تەييارمىز. بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىلىدىغان قاتتىق ئىقتىسادىي ئېمبارگولار مەسىلىسىدە قويۇق ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى ئۈچۈن كىيېۋنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي مۇداخىلىلەرنىڭ ئېغىر بەدەللەر ۋە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى رۇسىيەگە ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا بىلدۈردۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋامى ئۈچۈن يېڭى ئېنىق ۋاقىت بېكىتىلمىدى، ھەم ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەم رۇسىيە بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر