پۇتىن بىلەن توكايېۋ تېلېفونلاشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1762165
پۇتىن بىلەن توكايېۋ تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە  پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا توكايېۋنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، قازاقىستاندا يولغا قويۇلغان تەرتىپ – ئىنتىزامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

توكايېۋ رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئەسكەرلىرىنىڭ قازاقىستان زېمىنىدىن قەدەممۇقەدەم چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

6- يانۋار قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئەرمېنىيە، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ چېكىنىش مۇساپىسىنىڭ بۈگۈن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر