بلىنكېن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا (Dimitro Kuleba) تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رۇسىيەگە قارشى بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1761217
بلىنكېن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ئامېرىكا-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق دىيالوگىنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋە ناتو-رۇسىيە كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى رۇسىيەگە قارشى بېسىلىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس يازما باياناتىدا، بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبانىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئەتراپىدا كېرەكسىز ھالدا ئەسكەر يىغىشىغا قارىتا ئورتاق ئەندىشەلىرىنى تىلغا ئالغان مىنىستىرلار، جەنۋە شەھىرىدىكى ئامېرىكا-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق دىيالوگىنىڭ يىغىنلىرى ۋە ئەتە (2022-يىلى 13-يانۋار) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغان ناتو-رۇسىيە كېڭىشى يىغىنىدىن بۇرۇن، بېسىلىدىغان كېيىنكى قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى» دېدى.

ئۇ مىنىستىر بلىنكېننىڭ 13-يانۋار (2022) دا ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئېچىلىدىغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىمىي كېڭىشىنىڭ يىغىنى توغرىسىدىكى ئۈمىدلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنا بولمىغان ئەھۋالدا ئۇكرائىنا توغرىسىدا ھېچقانداق كۆرۈشۈشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى  ئېيتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ: «مىنىستىر بلىنكېن، رۇسىيە توقۇنۇشنى ئۇلغايتىش يولىنى تاللىسا، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، رۇسىيە ئىقتىسادىغا زور بەدەل تۆلىتىشنى، ناتونىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتىشكە ۋە ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان مۇداپىئە ياردىمىنى ئاشۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكرارلىدى» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيا نۇلاند ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا تەھدىت سېلىش ۋە ياۋروپادا مۇقىملىققا زىيان سېلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ۋىكتورىيا نۇلاند موسكۋانى ئۇكرائىناغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيە جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتمىگەن ئەھۋالدا ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن رۇسىيەنى ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەل تۆلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر