مىسىر ئىككى دۆلەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مىسىر ئامېرىكا بىلەن قىزىلدېڭىزدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سەئۇدى چېگرالىرى ئىچىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

1759821
مىسىر ئىككى دۆلەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى گارىپ ئابدۇلھافىز تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ئىسكەندېرىيە» پاراخوتى، ئامېرىكانىڭ «USS Janson Dunham» ۋە «USS Cole» پاراخوتلىرىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مانېۋىر دائىرىسىدە، قىزىلدېڭىزدا ھاۋادىن ۋە دېڭىزدىن كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەھدىتلەرگە قارشى دېڭىز قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، سودا يۈك پاراخوتلىرىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار مانېۋىرلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مانېۋىرنىڭ، «مىسىر ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ دوست دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق قىسمى بىلەن تەلىم-تەربىيە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۆزئارا  تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىلانى» رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، مانېۋىرنىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭمۇ سەئۇدى چېگراسى ئىچىدە «5-تەبۈك» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىسىر ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مانېۋىرنىڭ ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر