ئىراندىكى پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلدى
ئىراننىڭ سەنەندەج شەھىرىدە ماي توشۇغۇچى ئاپتومۇبىلنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلدى.
1759488
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، كەچتە سەنەندەج شەھىرىدە ماي توشۇغۇچى ئاپتومۇبىلنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە بۇ ۋەقە شەھەرنىڭ تەبىئىي گاز لىنىيەسىدە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ۋەقەدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىلانغان، ئەتراپتىكى 30 ئۆي ۋە 15 ئاپتوموبىل كۆيۈپ كەتكەن.