ناتو: رۇسىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ھەر دائىم قۇلاق سېلىشقا تەييارمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ھەر دائىم قۇلاق سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1759228
ناتو: رۇسىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ھەر دائىم قۇلاق سېلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، يىغىندا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى قىسىملىرىدا قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا تەسىرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ چاقرىقلارغا قارىماي قوشۇن  ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «توقۇنۇش خەۋپى تۇغۇلدى، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزدى.»

2019 – يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 12 – يانۋار كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – رۇسىيە كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ستولتېنبېرگ، 10 – يانۋار كۈنى جەنۋەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – رۇسىيە يىغىنى، 13 – يانۋار كۈنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كېلەر ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلار، رۇسىيەنىڭ دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە مەسىلىسىدە جىددىي قارايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، رۇسىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە ھەر دائىم قۇلاق سېلىشقا تەييارمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، لېكىن، دىيالوگنىڭ مەنىلىك بولۇشى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىتتىپاقداشلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەندىشىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.»

ئۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ياخشى نىيەتتە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز دىپلوماتىيەنىڭ مەغلۇب بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارىتا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز لازىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى تاجاۋۇزچىلىق رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېغىر ئاقىۋەتلەر ۋە ئېغىر بەدەللەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

ئۇ يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر