بېيجىڭ گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

گېرمانىيەدە تۆت كىشى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پاترىسىيا فىلورنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.

2132556
بېيجىڭ گېرمانىيە باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىل ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۆت نەپەر گېرمانىيە پۇقراسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فلور بۇ ئەھۋالنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى سۆھبەتداشلىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ شەرھلىدى ۋە گېرمانىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەنىڭ ئاساسىي قانۇننى تايانچ قىلغان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ دېموكراتىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بايان قىلغان فىلور، تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە مۇستەقىل سوتنىڭ ئەيىبلەشلەر ھەققىدە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

4-ئاينىڭ 22-، 23-كۈنلىرى گېرمانىيەدە تۆت گېرمان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر