پۇتىن ئەردوغاننىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارىماي، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سودا – ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي تېخنىكا ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلىشى يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالەم بوشلۇقىدا تىنچلىق ئاساسىدا ئىزدىنىش ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىق ئورنىتىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق تەشەببۇسلار ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، دوستانە رۇسىيە ۋە تۈركىيە خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە قويۇق ھەمكارلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»