خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بۇ يىل (2021) خىتاي ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەن ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1754800
خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ANI نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىلىرى تەيۋەن ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا 950 قېتىم رۇخسەتسىز كىرگەن بولۇپ، بۇ سان 2020- يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60 ئارتۇق ئىكەن.

دۆلەتلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى كۇ يۈجېن بىلۇمبېرگقا بايانات بېرىپ: «خىتاي كېلەر يىلى تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارا قانۇندا ئېنىقلىمىسى بولمىغان، شۇنداقلا ھېچقانداق خەلقئارالىق ئورگان نازارەت قىلمايدىغان ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى ئادەتتە دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ھالەتتە ئېلان قىلىنىدۇ.

پەرقلەندۈرۈش رايونى دۆلەتنىڭ بېكىتىلگەن ھاۋا بوشلۇقىغا خىلاپلىق قىلىشنى ئويلىمايدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ئەمما بۇ رايونغا كىرگەن ھەربىي ئايروپىلانلار يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قارىلىپ ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر