ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇداپىئە ساھەسى بويىچە جىددىي ئالاقە لىنىيەسى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

ياپونىيە ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئالاقە لىنىيەسى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى.

1753747
ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇداپىئە ساھەسى بويىچە جىددىي ئالاقە لىنىيەسى ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇ بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فىڭخى سىن كۆرۈنۈشلۈك سۆھبە ئۆتكۈزدى.

ياپون مىنىستىر كىشى، ئىككى دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان سۆھبەت يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ «ياپونىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم»لىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي – ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر»نى تىلغا ئالغان كىشى: «بىزنىڭ سەمىمىي ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتەلەيمىز» دېدى.

كىشى، خىتاي ۋە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ئالاقە لىنىيەسىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورنىتىلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا مەنسەپدىشى ۋېي بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، شەرقىي دېڭىزدىكى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، سۆھبەت جەريانىدا بۇ پاراخوتلارنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىشى يەنە،  خىتايدا 2021- يىلى 2- ئايدا يولغا قويۇلغان يېڭى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قانۇنىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا «بېيجىڭدىن چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاي مىنىستىر ۋېيمۇ، شەرقىي دېڭىزنىڭ ياپونلار «سېنكاكۇ»، خىتايلار «دىياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا توكيونىڭ «چەت ئەل كۈچلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش» سىنارىيەسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزگەن مانىۋىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، بېيجىڭنىڭ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ۋېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئورتاق خەتەرنى كونترول قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر