ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مۇداپىئە خامچوتىغا پ ك ك غا ياردەم قىلىش پىلانىنى كىرگۈزدى
پىرېزىدېنت جو بايدىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدىكى كۈچلۈك بەس – مۇنازىرىلەردىن كېيىن ماقۇللانغان دۆلەت مۇداپىئەسى سالاھىيەتلەندۈرۈش قانۇنىنى ئىمزالىدى.
1753381
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 740 مىليارد دوللىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خامچوتى، 27 مىليارد 800 مىليون دوللىرى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى مۇداپىئە خامچوتى ۋە 400 مىليون دوللىرى باشقا مۇداپىئە چىقىملىرى بولۇپ جەمئىي 768 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسى سالاھىيەتلەندۈرۈش قانۇنى بايدىننىڭ ئىمزاسى بىلەن قانۇنلاشتى.