ماداغاسقارنىڭ بىر پاراخوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى

ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن پاراخوت ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 83 كە چىقتى.

1751548
ماداغاسقارنىڭ بىر پاراخوتى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقار دېڭىزچىلىق ۋە دەريا پورتلىرى ئاگېنتلىقى پاراخوتنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 20-دېكابىر (2021) كېچىدە دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 138 يولۇچى ئىچىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 83 كە چىققانلىقى، 50 يولۇچىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ۋە بەش يولۇچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «MS Francia II» ناملىق پاراخوتتىن كاشىلا چىقىش سەۋەبىدىن دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەنلىكى، قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان تىك ئۇچاردىنمۇ چاتاق چىقىشى نەتىجىسىدە، بىر باش مىنىستىرلىق مەسئۇلىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە دۆلەتتە ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر