كابۇلدا پارتلاش يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى پاسپورت باش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا پارتلاش يۈز بەردى.
1751648
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىنا ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىغانلىقىنى، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ پاسپورت باش ئىدارىسى بىناسىغا كىرىشكەن ئۇرۇنغان بىر ھۇجۇمچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.