ئامېرىكا ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستانغا ئىنسانىي ياردەملەرنى يوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1750647
ئامېرىكا ئافغانىستانغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانىي ياردەم بېرىشتە باشلامچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىنسانىي ياردەم مەسىلىسىگە كەلسەك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانىي ياردەم بېرىشتە رەھبەردۇر. پەقەت ئاۋغۇست ئېيىنىڭ مابەينىدە (ئافغانىستانغا) 208 مىليون دوللار، بۇ يىل جەريانىدا بولسا، 475 مىليون دوللار ياردەم قىلدۇق» دېدى.

ئامېرىكا ئافغانىستان خەلقىنىڭ قىش پەسلىدىكى ماددىي قىيىنچلىقلىرىنى يېڭىشىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پرايس، ئامېرىكانىڭ خەۋپ ئاستىدىكى ئافغانلارنىڭ ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر