17-قېتىملىق ئاستانا سۆھبەتلىرى باشلاندى

سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى، قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا 17-قېتىم توپلاندى.

1750471
17-قېتىملىق ئاستانا سۆھبەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى، قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا 17-قېتىم توپلاندى.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى سەلچۇك ئۈنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتىيېۋ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ئىرانغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەلى ئاسگار ھاجى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇچرىشىشلارغا قاتناشتى.

سۈرىيە تەرەپتىن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايمان سۇسان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، سۈرىيە قوراللىق ئۆكتىچىلەرگە ۋاكالىتەن ئەھمەت تۇما باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى.

ب د ت نىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋەكىلى خاۋلا ماتتار، ئىراق، ئىيوردانىيە ۋە لىۋاننىڭ ۋەكىللىرىمۇ «كۆزەتكۈچىلىك» سالاھىيىتىدە ئۇچرىشىشلارغا قاتناشتى.

تۈركىيە ھەيئىتى ئۇچرىشىشلار رامكىسىدا، دەسلەپتە ب د ت نىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ۋەكىل خاۋلا ماتتارنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، جەنۋەدىكى سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قايتىدىن باشلاش، مەھبۇسلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئەسىر ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش قاتارلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان تەدبىرلەر ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى لاۋرېنتىيېۋ ئۇچرىشىشلاردىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيقۇدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتىدىن ئاكىتىپلىشىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شېرىكلىرىمىز تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا مەزكۇر مەسىلىلەرگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىمىز»دېدى.

ئۇ يەنە، مۇساپىرلار مەسىلىسى، يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىش، ئىنسانىي كىرىزىس قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۈرىيەدە سىياسىي مۇساپىنى ئىلگىرىلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتىپ: «سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىمۇ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە سۈرىيە ھەيئىتى بىلەن ئۈنۈملۈك يىغىن ئاچتۇق» دېدى.

سۈرىيە تېمىلىق ئاستانا سۆھبەتلىرى 2017-يىلى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدا باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر