خوڭكوڭ خەلقى پارلامېنت سايلىمىغا تۆۋەن نىسبەتتە قاتناشتى

خوڭكوڭدا سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىغا، خەلقنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى.

1749784
خوڭكوڭ خەلقى پارلامېنت سايلىمىغا تۆۋەن نىسبەتتە قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خوڭكوڭ سايلام ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى بارناباس فۇڭ (Barnabas Fung) تۈنۈگۈن (2021-يىلى 19-دېكابىر) پارلامېنت سايلىمىدا، 1 مىليون 350 مىڭ 680 كىشىنىڭ بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەخمىنەن 4.5 مىليون تىزىمغا ئېلىنغان سايلىغۇچى بار بولغان خوڭكوڭدا، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %30.2 بولغان.

بېيجىڭ ھاكىمىيىتى « ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ خوڭكوڭنى باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن» بۇ يىل (2021) بېشىدا سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا، پۇقرالارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولدى.

سايلامدا پارلامېنتتىكى 90 ئورۇن ئۈچۈن  153 نامزات ئۆزئارا رىقابەتلەشتى.

خوڭكوڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى بولغان دېموكرات پارتىيەسى، بۇ قېتىمقى سايلامدا نامزات چىقارمىدى. دېموكراتىيە تەرەپدارى ئۆكتىچى نامزاتلار ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىغان سايلامدا، سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭپەرەسلەردىن تەشكىل تاپتى. 2020-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان سايلام، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلىپ بىر يىل كېچىكتۈرۈلدى.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30-مارت (2021) خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن سايلام تۈزۈمىنى تەستىقلىغان ئىدى.

خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1- ۋە 2- قوشۇمچە ماددىلىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش بىلەن، يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئورۇندۇق سانى 70 تىن 90 غا چىقىرىلدى، ئەمما بىۋاستە سايلام ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان ئورۇندۇق سانى 35 تىن 20 گە چۈشۈرۈلدى. ىوڭكوڭ ۋالىيسىنى سايلاشقامەسئۇل سايلام كومىتېتىنىڭ ئەزا سانى 1200 دىن 1500 گە چىقرىلدى. كومىتېتقا قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ 40 ئەزاسىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىلدى. كېڭەشنىڭ قالغان 30 ئەزاسىنى كەسىپىي ۋە ئۇيۇشمىلار بىلەن شۇ ساھە ۋەكىللىرىنىڭ سايلىشى قارار قىلىندى.

خوڭكوڭ 1898-يىلى ئىمزالانغان «ئىجارىگە ئېلىش كېلىشىمى» بىلەن ئۇزۇن يىللارغىچە ئەنگلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇردى. 1997-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئىمزالىغان ئورتاق خىتابنامە رامكىسىدا، خوڭكوڭغا 2047-يىلىغىچە ئاخبارات ۋە پىكىر قىلىش، نامايىش قىلىش، دىنىي ۋە ئاكادېمىك خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش ئەركىنلىكلەر بىلەن، مۇستەقىل مەمۇرىي ۋە قانۇنىي قۇرۇلمىسىنى قوغداش ۋەدە قىلىنغان ئىدى.

خوڭكوڭ خىتايغا قاراشلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە تەۋە پۇل بىرلىكىنى، تىلىنى، قانۇن تۈزۈمىنى ۋە كىملىكىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيەدە بېيجىڭغا قارايدىغان بۇ باشقۇرۇش شەكلى «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» دەپ ئاتالغان ئىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردا دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى قاتارلىق قانۇن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن، رايوننىڭ ئالىي ئاپتونومىيە قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر