دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دېلتا ۋارىيانتىدا توپلانغان تەجرىبىلەر پايدىلىنىش قوللانمىسى بولىدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چېگرا تەدبىرلىرىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى كۈرەشكە نىسبەتەن ۋاقىتنى ئۇزارتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما دېلتا ۋارىيانتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1742570
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دېلتا ۋارىيانتىدا توپلانغان تەجرىبىلەر پايدىلىنىش قوللانمىسى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تىنچ ئوكيان رايونىدا بەزى دۆلەتلەر يولغا قويغان چېگرانى تاقاش تەدبىرلىرىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومېكرون ۋارىيانتىغا قارشى كۈرەشكە نىسبەتەن ۋاقىتنى ئۇزارتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما دېلتا ۋارىيانتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ پايدىلىنىش قوللانمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تىنچ ئوكيان رايونى دىرېكتورى دوكتور تاكېشى كاسائى 26-نويابىر (2021) ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرنېت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رايوندىكى بەزى دۆلەتلەر ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ چوڭ دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن بولسا، باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ياكى مۇقىملاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «چېگرا كونتروللۇقى ۋىرۇسنىڭ دۆلەتلەرگە تارقىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەر بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تەييارلىق قىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تېخىمۇ تارقىلىشچان بولۇش مۇملكىنلىكى سەۋەبىدىن، تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشلەرنى كۆپەيتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق جىددىي ئەھۋال دىرېكتورى باباتۇندې ئولوۋوكۇرې دېلتا ۋارىيانتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ، ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى كۈرەشتە پايدىلىنىش قوللانمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر