ئۇكرائىنا: ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە قارشى «يالتايتىش پىلانى» تەييارلاۋاتىمىز

ئۇكرائىنا رۇسىيەگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنى ئېلىش پىلانى ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1742076
ئۇكرائىنا: ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە قارشى «يالتايتىش پىلانى» تەييارلاۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 28-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان شىۋېتسىيەدە ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

كۇلېبا ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇكرائىنا بىلەن ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز رۇسىيەنى باشقا تاجاۋۇزچى ھەرىكەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ئىقتىسادىي جازالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يالتايتىش (ئالدىنى ئېلىش) پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر