نىگېرىيەدە يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدە 30 – نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن يولۇچىلار پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 29 غا يەتتى.
1742198
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانو ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇللاھ كىياۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغۋاي دەرياسىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، يەنە 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
شۇنىڭ بىلەن، مەزكۇر ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 29 غا يەتكەن.
ئابدۇللاھ كىياۋانىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرغىچە يەنە 9 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.