ياپونىيە چېگرا تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتتى

ياپونىيە جەنۇبىي ئافرىقادا پەيدا بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن چېگرا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

1740075
ياپونىيە چېگرا تەدبىرلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئافرىقادىكى موزامبىك، مالاۋى ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەرنى «قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىن ياپونىيەگە كەلگەن يولۇچىلار، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا 10 كۈن كارانتىن قىلىنىدىكەن ۋە كارانتىندىكى 3-6- ۋە 10-كۈنلەردە پ ج ر (PCR) تەكشۈرۈشنى قىلىدۇرىدىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى (2021-يىلى 30-نويابىر) دىن تارتىپ چېگرانىڭ بارلىق چەت ئەللەرگە تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىلگىرى بوتسۋانا، ئېسۋاتىنى، لېسوتو، نامبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان يولۇچىلارنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بۇ ۋارىيانتى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقاغا ساياھەت قىلىشنى چەكلىدى.

ئىسىرائىلىيە ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن مۇستەسنا كومىېتتىنىڭ تەستىقىسىز بارلىق چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى توختاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر