پۇتىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان ئۇچرىشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بۈگۈن سوچىدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

1739149
پۇتىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان ئۇچرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بۈگۈن سوچىدا بىر يەرگە جەم بولىدىكەن، ئۇچرىشىشتا، قاراباغ كېلىشىملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلىش، رايوندا مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ  تەپسىلىي پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھەم ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ھەم ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر