ياۋروپا بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىنى 11-5 ياشتىكى بالىلارغا ئەملەشنى تەستىقلىدى

ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى (EMA) بىيونتېك-فايزېرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ 11-5 ياش ئارىسىدىكى بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1738831
ياۋروپا بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىنى 11-5 ياشتىكى بالىلارغا ئەملەشنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىنىڭ 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەر ئۈچۈن تەستىقىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلىتىپ، 11-5 ياش ئارىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا مىقدارىنىڭ ئاز بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تەۋسىيە قارارىنىڭ 2 مىڭدەك بالا ئۈستىدىن قىلىنغان سىناق نەتىجىسىدە چىقىرىلغانلىقىنى، ئەكس تەسىرلىرىنىڭ ئەملەنگەن جاينىڭ ئاغرىشى ۋە قىزىرىشى، چارچاش، باش ئاغرىقى، موسكۇل ئاغرىقى قاتارلىق باشقا ياش گۇرۇپپىدىكىلەردە كۆرۈلگەن ئالامەتلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ۋاكسىنانىڭ 11-5 ياشتىكىلەر ئۈچۈن پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ 15-12 ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەردە ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى شىشە ۋاكسىنا يەتتە كۈن بىلەن تۆت ئاي ئىچىدە ئەملەنگەن 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلاردا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى %100 ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى (FDA) فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنى 15-12 ياش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلارغا ئەملەشنى تەستىقلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر