ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى شاھزادە شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق  تېلېگراممىسى يوللىدى.

1738358
ئەبۇ زەبى تەخت ۋارىسى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە مېھماندوستلۇقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان شاھزادە بىن زايىد، زىيارەتنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئورتاق مەنپەئەتلەرگە خىزمەت قىلىدىغان، ئىككى دوست خەلقكە پايدا يەتكۈزىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى» قەيت قىلدى، ئەردوغانغا بەخت – سائادەت، تېنىگە سالامەتلىك، تۈركىيە خەلقىگە تىنچ – ئامانلىق، ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە پاراۋانلىق تىلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAM) نىڭ، شاھزادە بىن زايىدنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە،  پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان شاھزادە بىن زايىد، مۇنداق دېگەن: «ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ھەمكارلىق ئۈچۈن يېڭى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇپۇقلارنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز، تەرەققىيات ۋە پاراۋانلىق نىشانلىرىمىزغا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا يېتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر