خىتاي ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپى بار تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1737917
خىتاي ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئەمەس، بەلكى قەستەنلىك بىلەن رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر» دېدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-فىلوتىنىڭ باياناتىدا، «ئارلېي بۇرك دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان <USS Milius>  ناملىق پاراخوت 23-نويابىر خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن تەيۋەن بوغۇزىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق چارلاش مەشغۇلاتى قىلدى» دېيىلدى.

پاراخوتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تېنچ ئوكيان پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيلدى: «ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرى خەلقئارا قانۇن يول قويغان جايلاردا داۋاملىق ئۇچىدۇ، يەلكەن ئاچىدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىدۇ»

 تەيۋەن ۋە تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەپ قارايدىغان خىتاي، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا قارشى چىقماقتا.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى چارلاش ۋە رازۋېتكا پائالىيەتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر