تالىبان ئاياللارنىڭ تېلېۋىزورغا چىقىشىنى چەكلىدى

ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى ئاياللارنىڭ تېلېۋىزورلارغا چىقىشى توغرىسدا بەزى چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى.

1736911
تالىبان ئاياللارنىڭ تېلېۋىزورغا چىقىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ياخشىلىققا دەۋەت، يامانلىقتىن ساقلاش مىنىستىرلىقى ئايالاارنىڭ تېلېۋىزورلارغا چىقىشىنى چەكلەيدىغان بەزى چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، دۆلەتتىكى بارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا رىئايە قىلىنىشى كېرەك بولغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئايال رىياسەتچىلەرنىڭ ھىجابلىنىشقا رىئايە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، يېڭى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكى، ئايال ئارتىسلار رول ئالغان قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە تىياتىر نومۇرلىرى، ئىسلامىي دۆلەت ۋە ئافغانىستان قانۇنلىرىغا خىلاپ ھەر قانداق فىلىم ھەمدە قىسىملىق فىلىملارنىڭ قويۇلماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

پەيغەمبەرلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ رولى ئېلىنغان درامما ۋە قىسىملىق فىلىملارنى قويۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئافغانىستاندا بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئافغانىستان ئەنئەنىلىرىگە خىلاپ پىروگراممىلارنى قويۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر