سەئۇدى ئەرەبىستاندا  قار ياغدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شىمالىي چېگرا رايونىغا جايلاشقان تۇرەيف شەھىرىدە قار ياغدى.

1736756
سەئۇدى ئەرەبىستاندا  قار ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۇرەيف شەھىرىنىڭ ئېگىز ۋە تاغلىق رايونلىرىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قار ياغقان ۋە  رايوندىكى نۇرغۇن جايلار ئاق رەڭگە پۈركەلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە مەركىزى رايون تېمپېراتۇراسىنىڭ 7 گىرادۇسقىچە چۈشكەنلىكىنى ۋە نۆلدىن تۆۋەنلەش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېلان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر