يەمەندە خۇسىيلارغا تەۋە 13 ھەربىي نۇقتا بىتچىت قىلىندى

يەمەندە ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارغا تەۋە 13 ھەربىي نۇقتىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1736559
يەمەندە خۇسىيلارغا تەۋە 13 ھەربىي نۇقتا بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ يازما باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى سانا، سادا ۋە مارىبتىكى بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلارنىڭ مۇھىم بىر ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق  بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، مەزكۇر نىشانلارغا 13 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، نىشانلار ئىچىدە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارغا تەۋە قورال ئامبىرى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كونترول مەركىزى قاتارلىق نۇقتىلارنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر