ئابدۇلھەمىد دىبەيبە: خەلق دىكتاتورلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ئېڭىغا ئىگە

لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلام ھەققىدە توختىلىپ، خەلقنىڭ دىكتاتورلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ئېڭى بارلىقىنى بىلدۈردى.

1736512
ئابدۇلھەمىد دىبەيبە: خەلق دىكتاتورلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇش ئېڭىغا ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ غەربىدىكى زۇۋارا شەھىرىنى مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلغان باش مىنىستىر دىبەيبە شەھەرنىڭ ئىلغار ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دىبەيبە ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۈگۈنكى كۈندە، خەلقىمىز مۇستەبىتلىك ۋە دىكتاتورلۇقتىن ئۇزاق تۇرىدىغان ئاڭغا ئىگە. ئانىلار بالىلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە مۇستەبىتلىككە يول ئاچىدىغان ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدۇ» دېدى.

دىبەيبە ۋەتەننى ئاداۋەت بىلەن قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «لىۋىيەلىكلەر ئۆتمۈشنىڭ يۈكىدىن قۇتۇلۇپ يېڭى بىر كەلگۈسىنى بەرپا قىلالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر