سۇداندا ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى پۇقرالارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم ۋە نۇرغۇن شەھەرلەردە كىشىلەر پۇقراۋى ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1736517
سۇداندا ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى پۇقرالارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا ئارمىيەنىڭ 15 – ئۆكتەبىردىكى ئارىلىشىشى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ۋە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنىشىغا قارشى يۈزلىگەن كىشى پايتەختنىڭ ساھافە، جەبرە ۋە قېلاقلە رايونىدىن باشقا يەنە قەدەرۇ ۋە شابىييە رايونلىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزدى.  

شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەناكىل ۋە غەربىدىكى نىيالا شەھەرلەردىمۇ ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن.

نامايىشلاردا ھەربىيلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى پۇقرالارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن شوئارلار توۋلانغان.

سۇداندا، ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلار تۈنۈگۈن پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك ۋە نامايىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر