بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلارنى بوشاتتى

بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدا ياۋروپا بارماقچى بولغان مۇساپىرلار چېگرا بويىدا قۇرغان لاگېرلارنى پۈتۈنلەي بوشىتىپ، بېلارۇسىيە چېگراسى ئىچىگە قۇرۇلغان لاگېرغا يۆتكەلدى.

1736004
بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلارنى بوشاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيە گرودنو شەھىردىكى چېگرا بويىدا ياۋروپاغا بارماقچى بولغان مۇساپىرلار تۈنۈگۈن (2021-يىلى 18-نويابىر) ئورمانلىقلاردا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇرغان لاگېرلاردىكى ئەشيالىرىنى توپلىدى.

كۆپىنچىسى ئىراقتىن بولۇپ، سۈرىيە، ئافغانىستان، ئىران ۋە باشقا ئاسىيا ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلاردىن ئائىلىسى بارلىرى دەسلەپتە لاگېرلاردىن ئايرىلدى. قالغان ئاز ساندىكى مۇساپىرلارنىڭ كەچ تەرەپتە لاگېرلاردىن ئايرىلىشى بىلەن، پولشا چېگراسىغا يېقىن بولغان جايلار پۈتۈنلەي قۇرۇقدالدى.

بېلارۇسىيە دۆلەت چېگرا كومىتېتى چېگرا نۇقتىلىرىدىكى لاگېرلار پۈتۈنلەي بوشىتىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جايلاردا مۇخبىرلارنىڭ خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇساپىرلار ئورۇنلاشقان مەركەزلەردە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكونىڭ بۇيرۇقى بويىچە برۇزگى چېگرا ئېغىزىدىكى مەركەزلەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇساپىرلارغا، تىببىي ياردەم، يېمەك-ئىچمەك، سۇ، دىزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى، يوتقان، كۆرپە ۋە ئەدىيال قاتارلىق ياردەملەر تارقىتىلدى.

مۇساپىرلارنىڭ 10 كۈندىن بۇيان سوغۇق ھاۋادا چېدىرلاردا تۇرغاندىن كېيىن، مەركەزلەردىكى ئۈستى يېپىق لاگېرلارغا تېز يۆتكىلىشى دىققەت قوزغىدى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ناتاليا ئېيسمونت (Natalya Eysmont) بېلارۇسىيە تەۋەسىدە 7 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى، پولشا-بېلارۇسىيە چېگراسىدىكى لاگېرلاردا بولسا تەخمىنەن 2 مىڭ مۇساپىرنىڭ بارلىقىنى؛ 200 دىن 500 گىچە بولغان مۇساپىرنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان باشقا چېگرا نۇقتىلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر