ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 68 مەھبۇس قازا قىلدى

ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسيان ۋە توقۇنۇشلاردا 68 مەھبۇس قازا قىلىپ ۋە 12 كىشى يارىلاندى.

1733589
ئېكۋادوردا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ئىسياندا 68 مەھبۇس قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلەر قىلىشىچە، گاياكۇيىل شەھىرىدىكى لىتورال تۈرمىسىدە توپىلاڭ ۋە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار توقۇنۇشتا قازا قىلغان مەھبۇسلار سانىنىڭ 68 ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 12 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

توقۇنۇش ۋە توپىلاڭ داۋام قىلىۋاتقان تۈرمىدە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ توقۇنۇش گۇرۇھلار ئارىسىدىكى رەھبەرلىك توقۇنىشى ۋە تۈرمە شارائىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

پىرېزىدېنت گىلېرمو لاسسو 31-سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مەملىكەتتىكى بارلىق تۈرمىلەردە 60 كۈنلۈك «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر