مېركېل كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل 4 مىليونغا يېقىن مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1726725
مېركېل كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئاتىنا (ئافىنا)دا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ، ئەگەر تۈركىيە بىلەن ياۋروپا مەسىلىلەرنى قائىدىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان تەقدىردە، ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىنى ھەمدە يەرشارىۋى مەنىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچىيىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مېركېل، 2015- يىلى باشلانغان زور كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى- تۈركىيە كېلىشىمى بىزگە، ئۆزئارىمىزدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئالاھىدە ئەھۋالدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئۈلگە بولدى» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ياۋروپاغا كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا مۇساپىرلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە يېقىن رايونلاردا كۈتۈۋېلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئىمزالىغان كېلىشىمنىڭ مۇشۇ پىكىرنى ئاساس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم تۈركىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مېركېل بۇ جەھەتتە تۈركىيەنى قوللاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىسىنىمۇ چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىشىنى قانداق خالىمىساق، تۈركىيەنىڭمۇ شۇنداق قىلىش ھوقۇقى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر