فىرانسىيەدە يىل ئاخىرىغىچە يەنە 7 جامى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تاقىلىدىغان بولدى

فىرانسىيەدە يىل ئاخىرىغىچە يەنە 7 جامى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى «رادىكال ئىسلامنى قوللىغان» دېگەن باھانە بىلەن تاقىلىدىغان بولدى.

1725591
فىرانسىيەدە يىل ئاخىرىغىچە يەنە 7 جامى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى تاقىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن ئاللوننېس شەھىرىدىكى بىر جامىنى «رادىكال ئىسلامنى قولىغان» دېگەن باھانە بىلەن 6 ئايلىق تاقاش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن جامىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بانكا ھېساباتىنىڭمۇ توڭلىتىلغانلىقىنى، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون (2017 – يىلى) ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان جەمئىي 13 مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تاقالغانلىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

گېرالد دارمانىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 7 جامى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «ئۆچمەنلىك تارقاتقان»، «رادىكال ئىسلامچىلىقنى قوللىغان» دېگەن باھانە بىلەن تاقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دارمانىن مەملىكەت مىقياسىدىكى 2 مىڭ 500 جامىدىن 92 ىسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 21 جامىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2020-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، 36 مىڭ چەتئەللىكنىڭ ئاممىۋى تەرتىپكە تەھدىد سالغانلىقى سەۋەبىدىن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەدە بۈگۈنگە قەدەر مۇسۇلمانلارغا تەۋە نۇرغۇن جەمئىيەتلەر ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى.

سارتې ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ 25 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاللوننېسدىكى 300 كىشىلىك جامائىتى بولغان جامىنىڭمۇ «رادىكال ئىسلامنى قولىغان» دېگەن سەۋەب بىلەن 6 ئاي تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. جامىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بولسا فرانسىيەدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئاقلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 8-ئايدا ماقۇللىغان «بۆلگۈنچىلىك» قانۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالغانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر