تۇنىستا بىر سابىق مىنىستىر بىلەن 7 ئەمەلدار قولغا ئېلىندى

تۇنىستا سابىق مىنىستىر بىلەن 7 ئەمەلدارنىڭ «چىرىكلىك» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1725353
تۇنىستا بىر سابىق مىنىستىر بىلەن 7 ئەمەلدار قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقە ئىشخانىسى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئەدلىيە بىرلىكى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بىلەن 7 مىنىستىرلىق ئەمەلدارى ھەققىدە «ئىقتىسادىي چېرىكلىك» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا سابىق مىنىستىرنىڭ كىملىكى بىلدۈرۈلمىدى، ئەمما يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بۇ كىشىنىڭ سامىر تەييىب ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يۈسۈپ ئەل شەھىد ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-2020-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلىدە يېزا ئىگىلى مىنىستىرى بولغان سامىر تەييىب 2011-2014-يىللىرى مەملىكەتلىك ئاساسىي قانۇن مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى.

تۇنىستا، پىرېزىدېنت قايس سەيىد 25-ئىيۇل مەجلىسنىڭ خىزمىتىنى توڭلىۇتۇپ، ئۆز ھوقۇقىنى كېڭەيتىدىغان بىر قاتار ئالاھىدە قارارلارنى ماقۇللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر