شىمالىي قىبرىس 3 تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ گىرېتسىيە ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان قوشما باياناتىنىڭ «ئىناۋەتسىز» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1722269
شىمالىي قىبرىس 3 تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇم تەرەپنىڭ، گىرېتسىيە ۋە مىسىر بىلەن تۈنۈگۈن چاقىرغان 3 تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتلاردىن ئورۇن ئالغان نۇقتىلارنىڭ، قىبرىس ئارىلىدىكى سىياسىي ۋە قانۇنىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى، قىبرىس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسلاردا، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ۋە باشقىلار سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان تەرەپنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قىبرىس ئارىلىدا بىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرى جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۆلەت بار بولۇپ، بۇ ئىككى ئېلان قىلغان باياناتلار ۋە چىقارغان قارارلار پەقەت مۇشۇ ئىككى تەرەپكىلا خاستۇر،  جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ گىرېتسىيە ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان قوشما باياناتى <ئىناۋەتسىز> دۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر