خەلىلزاد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزادنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىنى توماس ۋېستنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1721519
خەلىلزاد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونى بلىنكېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد خىزمىتىدىن ئايرىلىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە قىلغان نەچچە ئون يىللىق خىزمىتىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئىلگىرى ئالاھىدە ۋەكىل مۇئاۋىنى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن توماس ۋېست ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋېستنىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بلىنكېن: «ئالاھىدە ۋەكىل ۋېست دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا باشلامچىلىق قىلىدۇ، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى بىيۇروسىدا مىنىستىر ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلارغا مەسلىھەت بېرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن خەلىلزاد، ئامېرىكانىڭ تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر