فىلىپپىندا يۈز بەرگەن سۇ ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
فىلىپپىندا ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىدە 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1718375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 15 رايوندىكى كەلكۈن ۋە 4 رايوندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىدە، 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 11 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
قارا يامغۇر، بوران - چاپقۇن ۋە كۈلكۈن ئاپەتلىرى ئېغىر بولغان شەھەر ۋە يېزىلاردىن 1600 دىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.